بېيجىڭ: خىتاي - ئامېرىكا ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا

خىتاي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئارمىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنىڭ «يېڭى تارىخىي باشلىنىش» باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1573031
بېيجىڭ: خىتاي - ئامېرىكا ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى پولكوۋنىك ۋۇ چيەن مۇخبىرلارغا ئايلىق دوكلات بېرىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ئامېرىكانىڭ سابىق پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ دەۋرىدە «نۇرغۇن خەتەر ۋە خىرىس»لارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئەمما نۆۋەتتە مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پۇرسىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

ۋۇ چيەن، تەرەپلەرنىڭ سەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرى تېلېفون يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئاسىيادىكى توقۇنۇشلاردا يوقاپ كەتكەنلەر بىلەن ئامېرىكا ئۇرۇش ئەسىرلىرىنىڭ ئىز- دېرىكىنى قىلىش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەندىشە قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئىككى ئارمىيەنىڭ ھەمكارلىقى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئىنسانىي ساھەدە ئامېرىكانىڭ ئەندىشىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكى»نى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ۋۇ چيەن، ئىككى دۆلەت ئارمىيەسىنىڭ ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىپ، توقۇنۇشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «ھازىر خىتاي - ئامېرىكا ئارمىيەلىرى مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا» دېدى.

ئۇ، ئامېرىكانىڭمۇ ئارمىيەلەر ئارا مۇناسىۋەتلەردە ئالاقىنى كۈچەيتىش، خەتەرنى كونترول قىلىش، كىرىزىستىن ساقلىنىش ۋە مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە خىتاينىڭ ئەندىشىسىنى نەزەرگە ئېلىپ مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكانىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن بولسا، فىلىپپىنلىق مەنسەپدىشى تېئودورو لوكسىن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە، خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىكى دەۋالىرىنى رەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمىغا قارشى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر