ئامېرىكانىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن بولدى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى پىرېزىدېنت جو بايدىن تەرىپىدىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن ئانتونىي بلىنكېن قارارنامىسىنى ماقۇللىدى.

1571800
ئامېرىكانىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېڭەش پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشىدا ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا، بلىنكېن قارارنامىسى، 22 گە قارشى 78 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويىد ئوستىن، مالىيە مىنىستىرى جانېت يېللېن ۋە دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنىنىڭ باشلىقى ئاۋرىل ھاينېستىن كېيىن، بلىنكېن بايدىننىڭ ئىچكى كابىنېتىدا قارارنامىسى تەستىقلانغان تۆتىنچى شەخس بولدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا دۆلەتلىك ئاخبارات ئورگىنىنىڭ باشلىقىمۇ ئىچكى كابىنېت ئەزاسى ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دۇنياۋى ئوبرازىنى ياخشىلىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان 58 ياشلىق بلىنكېن، سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما (2015-2017 – يىللار) دەۋرىدە، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۈپىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەنىدى.

يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، بايدىن ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ سايلانغان كامالا ھاررىسقا، سايلام سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرى مەزگىلىدە،  تاشقى سىياسەت مەسلىھەتچىسى بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر