پۇتىن ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش شەرتنامىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش قارارىنى دۇماغا سۇندى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش شەرتنامىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدىكى قارارنامەسىنى رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى — دۇماغا سۇندى.

1571962
پۇتىن ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش شەرتنامىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش قارارىنى دۇماغا سۇندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن قانىتى — دۇمانىڭ تور بېتىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، پۇتىننىڭ تەستىقلاش ئۈچۈن سۇنغان قارارى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش شەرتنامىسىىنىڭ بەش يىللىق، يەنى 2026 – يىلى 5 – فېۋرالغىچە ئۇزارتىلىشىنى مەزمۇن قىلىدىكەن.

كىرېمىل سارىيى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، پۇتىن بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تەرەپلەرنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش شەرتنامىسىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سوۋېت رۇسىيەسى بىلەن 1991- يىلى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى بىلەن 1993 – يىلى ئىمزالىغان ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش شەرتنامىلىرىنىڭ داۋامى سۈپىتىدىكى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك قوراللارنى قىسقارتىش شەرتنامىسى، ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋا ئوتتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى يادرو قورالى كېلىشىمى ھېسابلىنىدۇ.

شەرتنامە يىراق مۇساپىلىك يادرو قوراللىرى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا چەكلىمە قويۇشنى مەزمۇن قىلىدۇ.

2011- يىلى 5- فېۋرالدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان 10 يىللىق شەرتنامىنىڭ مۇددىتى 2021- يىلى 2- ئايدا توشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر