كامېروندا ناھايىتى ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

كامېرۇننىڭ دىشاڭ بازىرىدا بىر يولۇچىلار ئاپتوبۇسى بىلەن يۈك ماشىنىسى سوقۇلۇپ كېتىپ 53 ئادەم قازا قىلدى، 29 ئادەم يارىلاندى.

1572315
كامېروندا ناھايىتى ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كامېرون تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 70 دەك يولۇچى ئولتۇرغان ئاپتوبۇس دىشاڭ بازىرىغا يېقىن يەردىكى فالايس رايونىدا يۈك ماشىنىسى بىلەن سوقۇلۇپ كەتكەن؛ ۋەقەدە دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، 53 ئادەم قازا قىلغان، 29 ئادەم يارىلانغان، سوقۇلۇشنىڭ تەسىرىدە ماشىنىلارغا ئوت كەتكەن.

دائىرىلەر قازا قىلغانلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر