فىرانسىيەدە كۆچمەنلەرگە قارشى رادىكال ئوڭچىل گۇرۇپپا ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلدى

فىرانسىيەدە كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرۇش ۋە چەتئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىش بىلەن تونۇلغان رادىكال ئوڭچىل گۇرۇپپا «Gene Identitaire»، «خەلقنى ئۆچمەنلىك ۋە نەپرەتكە قۇترۇتۇش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى ھەمدە ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلدى.

1571965
فىرانسىيەدە كۆچمەنلەرگە قارشى رادىكال ئوڭچىل گۇرۇپپا ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا،  ساينت گاۋدېنس جۇمھۇرىيەت تەپتىش مەھكىمىسى كۆچمەنلەرگە قارشى باياناتلىرى بىلەن نارازىلىق قوزغىغان رادىكال ئوڭچىل گۇرۇپپا «Gene Identitaire»،  ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنى باشلىغان.

رادىكال ئوڭچىل گۇرۇپپا ئالدىنقى ھەپتە ئۆزلىرىنىڭ «كۆچمەنلەرگە قارشى ئۇرۇش ئاچقانلىقىنى» ۋە «چېگرالارنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكلىرىنى» ئېلان قىلغان ئىدى.

نۇرغۇنلىغان فرانسىيەلىك ۋە چەتئەللىك زىيالىيلار  بىلەن پائالىيەتچىلەر بۇ ئىرقچىلىق پوزىتسىيەسى ۋە باياناتلىرى سەۋەبىدىن گۇرۇپپىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.

نازىلىقلاردىن كېيىن، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى گېرالد دارمانىن «Gene Identitaire» گۇرۇپپىسىنىڭ  كۆچمەنلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان باياناتلىرىنى «سەتچىلىك» دەپ تەرىپلىگەن ھەمدە بۇ گۇرۇپپىنىڭ تارقىۋېتىلىشىنى ھۆكۈمەتنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۆچمەنلەرنى، چەتئەللىكلەرنى بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنى كەمسىتىش پوزىتسىيەسى ۋە شوئارلىرى بىلەن تونۇلغان رادىكال ئوڭچىل «Gene Identitaire» گۇرۇپپىسىنىڭ 30 غا يېقىن ئەزاسى 19-يانۋاردا فىرانسىيەدە كۆچمەنلەرگە قارشى ھەرىكەت باشلىغانلىقلىرىنى ۋە كۆچمەنلەرنىڭ فرانسىيەگە كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ «چېگرا چارلىغۇچىلىرى» تەيىنلەيدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلىشقان ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر