دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىليون 100 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىليون 167 مىڭ 500 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 100 مىليون 853 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 72 مىليون 891 مىڭدىن ئاشتى.

1572052
دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىليون 100 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 435 مىڭ 452 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 26 مىليون 11 مىڭ 222 گە يەتتى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىن فايزېر (Pfizer) بىلەن مودېرنا (Moderna) دىن ھەر بىرىدىن 100 مىليون شىشە ۋاكسىنا سېتىۋالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «ياز ئاخىرىغىچە ياكى كۈز پەسلىنىڭ بېشىغىچە 300 مىليون ئامېرىكالىققا يەتكۈدەك ۋاكسىنامىزنىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 591 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە سەككىز ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى كۈندىلىك ئۆلۈم ۋەقەسى بولۇپ قالدى. ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 56 مىڭ 799 غا چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 36 مىڭ 435 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 2 مىليون 629 مىڭ 817 گە چىقتى.

ئىسپانىيە فارمامار (PharmaMar) دورا شىركىتى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەتقىق قىلىپ ياسىغان دورىنىڭ ھايۋانلار ئۈستىدىكى سىناقنىڭ %99 مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 74 مىڭ 106 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 79 مىڭ 943 كە چىقتى.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 631 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 20 مىڭ 89 كىشى يۇقۇملاندى. ۋىرۇس سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار 100 مىڭ 162 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 689 مىڭ 746 گە چىقتى.

ئەنگلىيە ياۋروپادىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئەڭ كۆپ جېنىدىن ئايرىلغان دۆلەت بولۇش ئۇنۋانىنى قولدىن بەرمىدى.

گېرمانىيەدىكى بايرايت (Bayreuth) دوختۇرخانىسى ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تېز تارقىلىۋاتقان تۈرى «B117» سەۋەبىدىن كارانتىن ئاستىغا ئېلىندى.

بۇلغارىيە ھۆكۈمىتى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى يولغا قويۇلغان بەزى تەدبىرلەرنى يەڭگىللىتىشنى قارار قىلدى.

بۇلغارىيەدە 1-فېۋرالدىن باشلاپ كىنوخانا ۋە بەزى پائالىيەت ماكانلىرى %30 لىك تولۇش نىسبىتى بىلەن خىزمەتكە ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سودا سارايلىرى ۋە تەنتەربىيە سالونلىرىمۇ 1-فېۋرالدىن باشلاپ  %50 لىك تولۇش نىسبىتى بىلەن ئېچىلىدۇ.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ئۆلۈم كۆرۈلگەن جەنۇبىي ئافرىقادا، يېقىنقى 24 سائەتتە 680 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 41 مىڭ 797 گە چىقتى. 1 مىليون 423 مىڭ 578 كىشى يۇقۇملاندى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 1 مىڭ 507 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 122 مىڭ 996 كىشى يۇقۇملانغان نىگېرىيەدە، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تېز تارقىلىدىغان «B117» تۈرىنىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

زىمبابۋىدا كابېنتتىكى تۆت مىنىستىرنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، مەمۇرلارنىڭ ئۆيىدە خىزمەت قىلىش قارارى چىقىرىلدى. بۇ دۆلەتتە ھازىرغىچە 31 مىڭ 646 كىشى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملاندى، 1075 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 592 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 25 مىڭ 127 كىشى يۇقۇملانغان سېنېگالدا، 2021-يىلى 6-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلغان جىددىي ھالەتنىڭ ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، سەھىيە ساھەسىدە جىددىي ھالەت يولغا قويۇلدى.

ھىندونېزىيەدە سىنوۋاك ۋاكسىناسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىقى ئەملىنىشكە باشلاندى. ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو تېلېۋىزىيە ئېكرانلىرىنىڭ قارشىسىدا ۋاكسىنا ئەملەتكۈزدى.

ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى كېلەر يىلغىچە 181.5 مىليون كىشىنى ئەملەشنى نىشان قىلدى. ھىندونېزىيەدە ھازىرغىچە 1 مىليون 12 مىڭ 350 كىشى يۇقۇملاندى، 28 مىڭ 468 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 3 مىڭ 96 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 254 مىڭ 822 كىشى يۇقۇملانغان گىرۇزىيەدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋىت زالكالىيانى (Davit Zalkaliani) نىڭ يۇقۇملانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر رامكىسىدا بۈگۈن (2021-يىلى27-يانۋار) دىن باشلاپ لەفكوشادا بىر ھەپتە، گىرنەدە ئىككى ھەپتە تولۇق كارانتىن يولغا قويۇلىدۇ. ھەر ئىككى شەھەردە دورىخانا، ماي قاچىلاش پونكىتلىرى، ناۋايخانا، قاسساپخانا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش ماگېزىنلىرى ۋە بۇلارنى مال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر، چەكلىمىنىڭ سىرتىدا بولىدۇ. ئىككى ھەپتە بويىچە دۆلەت ۋە خۇسۇسى مەكتەپلەدەر، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيەسىدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇشلار توختىتىلىپ، ئىنتېرنېتتە دەرس ئۆتۈش باشلىنىدۇ.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 5 مىڭ 311 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 373 مىڭ 43 كىشى يۇقۇملانغان ياپونىيەدە، باش ۋەزىر شۇگا يوشىھىدە ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا، سەھىيە سىستېمىسىنى يېتەرلىك دەرىجىدە نازارەت قىلالمىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ: «خەلق تىببىي خىزمەت سۇنىدىغان سىستېمىدىن ئەندىشە قىلماقتا» دېدى.

ياپونيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش رامكىسىدا كىشىلەر زىچ بولغان جايلاردا «PCR» تەكشۈرۈشى مارت (2021) ئېيىدىن تارتىپ باشلىنىدۇ.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيە 218 مىڭ 878، مېكسىكا 152 مىڭ 16، ئارگېنتىنا 47 مىڭ 253، كولومبىيە 52 مىڭ 128، پېرۇ 40 مىڭ 107، چىلى 18 مىڭ 23، ئېكۋادور 14 مىڭ 668، بولىۋىيە 10 مىڭ 105، ماراكەش 8 مىڭ 187، تۇنىس 6 مىڭ 370، ئالجىرىيە 2 مىڭ 871، لىۋان 2 مىڭ 477، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 805 ۋە بەھرەين 370.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر