ياۋروپا بىلەن تۈركىيە ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل (Josep Borrell) تۈركىيە بىلەن يېقىنقى ھەپتىلەردە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1571029
ياۋروپا بىلەن تۈركىيە ئۇچرىشىشلارنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېپ بورېل ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈنتەرتىپ ماددىلىرىدىن بىرى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: «تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى يىغىنىدىن بۇيان ئەۋەتكەن مۇھىم سىگناللارنى ۋە يولغا قويغان سىياسەتلەرنى خاتىرىلىدۇق» دېدى.

ئۇ تۈركىيە بىلەن دىيالوگ ۋە ھەمكارلىقلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۇچرىشىشلارنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىشلار ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دېڭىز ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلىشنىڭ، ب د ت دېڭىز قانۇنى كېلىشىمى ئاساسىدا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى بىريۇسسېل زىيارىتىدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قانداق سىگناللارنى ئالغانلىقىنى ۋە قانداق سىگناللارنى بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«2020-يىلىدا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى قىيىنچىلىققا ئىتتىرگەن مەسىلىلەرنى كۆزدىن كەچۈردۇق. ئىككى تەرەپ بۇلارنى يىڭىش، ئەندىشەلىرىنى ئورتاقلىشىش، بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ۋە تېخىمۇ ياخشى قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىش تېمىلىرىدا تېخىمۇ ياخشى سىياسەت يۈرگۈزۈشتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى. ئۆتكەن يىلى ياز ۋە كۈزدە مۇناسىۋەتلىرىمىزنى زەھەرلىگەن مەسىلىلەرنىڭ، بۈگۈن توختىغانلىقىنى ئېيتىشتىن ئۆزەمنى خۇشاللىق ھېس قىلىمەن. تۈركىيە پاراخوتلىرى ۋە قېدېرىش مەشغۇلاتلىرى ھازىر يوق. ھەر ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، بۇ خىزمەتلەرنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرۈش ۋە ئىجابىي پايدىلىنىش ئۈچۈن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى. تۈركىيە-گىرېتسىيەنىڭ دەسلەپكى ئۇچرىشىشلىرى باشلاندى. فېۋرال ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرى ياكى ئاخىرىدا قىبرىس مەسىلىسىنى ھەل قىلىش مۇزاكىرەلىرىنىڭ باشلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 2020-يىلىدىكى بارلىق تېمىلار ناھايىتى قىيىن ئىدى. ياخشى ئاتموسفېرا شەكىللىنىشى ئۈچۈن قىبرىسقا ۋە دېڭىز ھوقۇق ساھەسىگە ئوخشاش تېمىلاردا سۈكۈت قىلىش لازىم» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر