ياپونىيە: ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى خىرىسلارغا قارشى ياۋروپا بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى خالايمىز

ياپونىيە ھىندى- تىنچ ئوكيان رايونىدا قانۇننى ئاساس قىلغان تەرتىپنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1571236
ياپونىيە: ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى خىرىسلارغا قارشى ياۋروپا بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى خالايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى موتېگى توشىمىتسۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەت كېڭىشى قەرەللىك يىغىنىغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ئىشتىراك قىلدى.

مىنىستىر موتېگى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئاساسلىق خىرىسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئوخشاش پىكىردىكى» شېرىكلەرنىڭ ھەمكارلىشىش قەدەملىرىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدا زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. بىخەتەرلىك، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە؛ بۇنى شەرقىي ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا كۆرگىلى بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، دۆلىتىنىڭ قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە دېڭىز سەپىرى ئەركىنلىكى ئاساسىدا «ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىنچ ئوكيان» تەسەۋۋۇرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

كيودو ئاگېنتلىقى، ياپونىيەنىڭ مەزكۇر يىغىنغا تۇنجى قېتىم، شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قاتناشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

2018- يىلى جەنۇبىي كورېيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە 2019- يىلى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇ يىغىنغا قاتناشقانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر