ئامېرىكا: تۈركىيە - گىرېتسىيە ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس، گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1570987
ئامېرىكا: تۈركىيە - گىرېتسىيە ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنى قارشى ئالىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى نېد پرايس تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكا، تۈركىيە بىلەن گرېتسىيەنىڭ ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ ئىستانبۇلدا قايتىدىن باشلىغانلىقىنى ۋە ھەر ئىككى ھۆكۈمەتنىڭ بۇ باسقۇچقا ئەمەل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى قارشى ئالىدۇ. بىز شەرقىي ئاقدېڭىز جىددىيچىلىكىنى پەسكويغا چۈشۈرۈش يولىدىكى بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايمىز» دېدى.

تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ 61 – نۆۋەتلىك ئايلانما سۆھبىتى تۈنۈگۈن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

دىپلوماتىك مەنبەلەردىن ئېلىنغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، دولماباھچە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتە، 60 – نۆۋەتلىك ئايلانما سۆھبەتتتە مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىنىپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ۋە ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر بىلەن بۇ مەسىلىلەر ئۈچۈن كەلگۈسىدە تاشلاشقا بولىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنغانىدى.

تەرەپلەر 62- نۆۋەتلىك ئىزدىنىش سۆھبىتىنىڭ گىرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئاتىنادا ئۆتكۈزۈلۈشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلغانىدى.


 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر