«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ كونتروللۇقىدىكى تەلئەبياد ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1571296
«<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» رايونىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەلئەبياد ناھىيەسىدە موتوسىكلىتقا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلىتىلىشى نەتىجىسىدە 2 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلدى، ئىككىسى يارىلاندى، يارىدارلاردىن ئەھۋالى ئېغىر بولغىنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈلدى.

نەق مەيداننى تەكشۈرگەن يەرلىك خەۋپسىزلىك كۈچلىرى، ھۇجۇمنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان بولۇش ئېھتىماللىقى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى تەلئەبياد ناھىيەسى مەركىزى، 2019 – يىلى، 13 – ئۆكتەبىر كۈنى، «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق تېررورىزمدىن تازىلانغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ/ پ ك ك، ئىشغالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئەين ئىسا ۋە تەلتەمىر رايونلىرىدىن پات – پات «<تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق تېررورىزمدىن تازىلانغان رەسۇلەين ۋە تەلئەبياد رايونلىرىغا تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر