كولۇمبىيەدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 5 كىشى قازا قىلدى

كولۇمبىيەدە قوراللىق بىر گۇرۇپپانىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە دېھقانچىلىق مەيدانىدا 5 كىشى ئۆلۈپ، 2 كىشى يارىلاندى.

1571122
كولۇمبىيەدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 5 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كولۇمبىيەنىڭ ۋاللې دېل كاكۇكا رايونىغا قاراشلىق بۇگا شەھىرىدە نامەلۇم قوراللىق ئۇنسۇرلار دېھقانچىلىق مەيدانىغا ھۇجۇم قىلدى.

ھۇجۇمدا، 18 ياشلىق مۇز توپ تەنھەرىكەتچىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 كىشى قازا قىلدى ۋە 2 كىشى يارىلاندى.

كولۇمبىيە مۇز تېيىلىش بىرلەشمىسى باشلىقى جوسې ئاچېۋېدو قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا ھەمدەمدە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تەزىيە تېلەكلىرىنى يەتكۈزدى.

بۇگا شەھەر باشلىقى جۇلىئان روجاس جىنايەتچىلەرنى تۇتۇشقا ياردەم بەرگەنلەرنىڭ نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھۇجۇم قىلغۇچىلارنى تۇتۇش خىزمەتلىرى باشلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر