ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىدى

ھىندونېزىيەنىڭ جاۋا ئارىلىغا جايلاشقان مېراپى يانار تېغى پارتلىدى.

1571141
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يانار تاغ ۋە گېئولوگىيەلىك ئاپەتنى ئازايتىش مەركىزى (PVMBG) تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ھىندونېزىيەنىڭ جاۋا ئارىلىدىكى مېراپى يانار تېغىدىكى پارتلاشتا كۈل ۋە ئىس-تۈتەكلەرنىڭ 400 مېتىر ئېگىزلىككە ئۆرلىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا پارتىلىغان لاۋا ماسسىسىنىڭ يانار تاغنىڭ غەربىي جەنۇب ئېتىكىدىن 1000 مېتىرغا قەدەر تۆۋەنگە چۈشكەنلىكى ھەمبەھىرلەندى.

ئالاقىدار مەسئۇللار «ئاپېلسىن» ئاگاھلاندۇرۇش سەۋىيىسىدە تۇرۇۋاتقان ۋە يېقىندىن بۇيان يانار تاغ ھەرىكىتى كۈچەيگەن يانار تاغنىڭ 5 كىلومىتىر ئەتراپىدا ھېچقانداق پائالىيەت قىلماسلىق كېرەكلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر