ھىندىستاننىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇراسىمى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئوخشاپ قالدى

ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا، جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇراسىملىرى جەريانىدا تىراكتورلىرى بىلەن نامايىش قىلغان ۋە نامايىش مەيدانىدىن چىقماقچى بولغان دېھقانلارغا بىخەتەرلىك قىسىملىرى مۇداخىلە قىلدى.

1571594
ھىندىستاننىڭ جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇراسىمى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئوخشاپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەھەرنىڭ ئىككى چېتىدىن نامايىشقا قاتناشقان تىكرى ۋە سىنگۇ دېھقانلار گۇرۇپپىسىم ئوخشىمىغان 6 نۇقتىدىن يېڭى دېھلىغا كىرىشى مۆلچەرلەنگەن ۋە ساقچىلار توساقلارنى قۇرۇپ، لىنيە سېزىپ بەرگەن دائىرىدىن ھالقىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار نامايىشچى دېھقانلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئېتىپ مۇداخىلە قىلدى.

ساقچىلارنىڭ توساقلىرىنى بۆسۈپ ئۆتكەن دېھقانلارمۇ ماشىنا ۋە تىراكتورلىرىنى جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىۋاتقان شەھەر مەركىزىگە قاراپ ھەيدەشكە باشلىدى.

جۇمھۇرىيەت بايرىمى مۇراسىمى پائالىيەتلىرىنىڭ ئاقساپ قالماسلىقى ئۈچۈن شەھەر مەركىزىدە نامايىش قىلىشى چەكلەنگەن بولۇپ، نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ كۆپ توقۇنۇش يۈز بېرىس ئېھتىمالى بارلىقى تىلغا ئېلىنماقتا.

يېڭى دېھلى ساقچى ئىدارىسى دېھقانلارنىڭ 12 مىڭ تىراكتور بىلەن 64 كىۋادىرات كىلومېتىرلىق بىر رايوندا بەلگىلەنگەن كىرىش – چىقىش نۇقتىلىرىنىلا ئىشلەتكەن ئاساستا نامايىش قىلالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ھىندىستاندا 2020-يىلى سىنتەبىردە ماقۇللانغان ۋە دېھقانچىلىق ساھەسىگە ئەركىنلەشتۈرۈش ئېلىپ كەلگەن 2 قانۇننىڭ ئاساسى باھا ۋە قوللاپ سېتىۋېلىش سىياسىتىگە خاتىمە بېرىدىغانلىقى ھەمدە ۋاسىتىچى شىركەتلەرنىڭ سېتىۋىلىش  باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاخىرىدا دېھقانلارنى يەرسىز قالدۇرىدغانلىقى ئىلگىرى سۈرلۈپ، دېھقانلار ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق قوزغىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر