خىتايدىكى چوڭ پارتلاشنىڭ تەبىئىي گاز پارتىلىشى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
خىتايدا تەبىئىي گاز لېنىيەسى پارتىلاپ 2 كىشى قازا قىلدى.
1570411
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى لياۋنىڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق دالىيەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا، دەسلەپكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 8 ئادەم يارىلاندى.
پارتلاش زور ۋەھىمە پەيدا قىلغاندىن سىرت، تەبىئىي گاز لېنىيەسىگە ۋە ئەتراپتىكى بىنالارغا ئېغىر زىيان سالغان ھەمدە نەچچە ئونلىغان ئاپتوموبىل ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان.