خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى

خىتاي ۋە ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ چېگرا رايونىدا يەنە بىر قېتىم قوراللىق توقۇنۇشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

1570439
خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا يەنە بىر قېتىم قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرىنىڭ ھىندىستاننىڭ نېپال ۋە بۇتان ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان شىمالىي سىككىم ئۆلكىسىگە قاراشلىق ناكۇ لا ئېغىزىدا قوراللىق توقۇنۇشقانلىقى ۋە ھەر ئىككى تەرەپتىن يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي ۋە ھىندىستان ئەسكەرلىرى 2020-يىلى ئىيۇندا غەربىي شىمالدىكى لاداق رايونىنىڭ گالۋان ۋادىسىدا قوراللىق توقۇنۇشقان ۋە 20 نەپەر ھىندىستان ئەسكىرى قازا قىلغان ئىدى.

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھىمالايا تېغى بىلەن قورشالغان ئېنىقسىز چېگرا لىنىيەسى، خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇق دە- تالاشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

ئېقىن سۇلار، كۆل، مۇزلۇق قىيالار ۋە قارلىق چوققىلار بىلەن تولغان 3500 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى چېگرا رايونى تەرەپلەرنى پات- پات توقۇنۇشقا سۆرەپ كىرمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى «جەنۇبىي تىبەت» دەپ ئاتىۋالغان ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېش ئۆلكىسىگە تەۋە  90 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىن ئۈستىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلىپ كەلمەكتە.

 ھىندىستان ھۆكۈمىتى بولسا، ئاقسايچىن ئېگىزلىكىنى قاپلىغان 38 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر زېمىنىنى خىتاينىڭ ئىشغال قىلىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ھەر ئىككى تەرەپ  ئۇزۇن يىل مۇزاكىرىلەرنى داۋاملاشتۇرۇپمۇ، ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالماي ئاۋارە.

خىتاي ۋە ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش 2017-يىلى خىتاينىڭ رايوندىكى چېگرا يولىنى، تالاش-تارتىشلىق بىر ئېگىزلىككىچە ئۇزارتىشقا ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن تېخىمۇ كەسكىنلەشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر