رۇسىيە ئامېرىكانى «ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتى» دەپ ئەيىبلىدى

رۇسىيە ئامېرىكانى «تۈرمىدىكى رۇسىيەلىك ئۆكتىچى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنى قوللايدىغان يازمىلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشتى» دەپ ئەيىبلىدى.

1569839
رۇسىيە ئامېرىكانى «ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشتى» دەپ ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يازما باياناتىدا، ئامېرىكانىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ تۈرمىدىكى رۇسىيە ئۆكتىچىسى ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنى قوللاش مەقسىتىدە ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ئۇچۇر تاقاتقانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ئامېرىكانىڭ بۇ خىل ئۇچۇر ھەمبەھىرلىشىش ئارقىلىق دىپلوماتىك قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «ئامېرىكانىڭ موسكۋادىكى باش ئەلچىخانىسى رۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماقتا» دېگەن ئىبارىلەر ئىشلىتىلدى.

باياناتتا يەنە، «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىك ۋە باراۋەرسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بۆلۈنىشتىن ئىبارەت ئۆزىنىڭ مەسىلىسى بىلەن بولىشى كېرەك. ئەخلاق مىزانىغا سەل قارايدىغان ئامېرىكا دىپلوماتىيەسىنىڭ رادىكال ئۇنسۇرلارنى كۈشكۈرتۈش تىرىشچانلىقى مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە سەلىبىي ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ» دېيىلدى.

ئامېرىكانىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى تۈنۈگۈن ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان نامايىشلارنىڭ ۋاقتى ۋە ئورنىنى ھەمبەھىرلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر