خىتايدا پارتلاش يۈز بەرگەن ئالتۇن كانىدىكى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى 14 – كۈنىگە قەدەم قويدى

خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدە 14 كۈن ئىلگىرى يۈز بەرگەن پارتلاش نەتىجىسىدە 22 كان ئىشچىسى كاندا قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، 11 ئىشچى قۇتقۇزۇۋېلىندى.

1569849
خىتايدا پارتلاش يۈز بەرگەن ئالتۇن كانىدىكى قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى 14 – كۈنىگە قەدەم قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق يەنتەي شەھىرىدە 10 -يانۋاردا قۇرۇلۇش باسقۇچىدىكى ئالتۇن كانىدا پارتلاش يۈز بەرگەندىن بۇيانقى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى ھېلىھەممۇ داۋاملاشماقتا.

قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ۋە ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرىمۇ ئالتۇن كانى ئالدىدا 14 كۈندىن بېرى كۇتۇپ تۇرىۋاتقان بولۇپ، 600 دىن ئارتۇق ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خادىمى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كاندىن ئارىدىن 14 كۈن ئۆتكەندە 11 ئىشچى قۇتقۇزۇۋېلىندى.

قۇتقۇزۇۋېلىنغان ئىشچىلار دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلدى.

قۇرۇلۇش باسقۇچىدىكى كاندا قاپسىلىپ قالغان ئىشچىلارنىڭ بىرسى 21 - يانۋاردا قازا قىلغان ئىدى.

خىتاي دۆلەتلىك كان بىخەتەرلىك ئىدارىسى 19-يانۋاردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆمۈر كانلىرىدىن سىرت  دۆلەت مىقياسىدىكى 32 مىڭ كاننى ئەتراپلىق تەكشۈرۈس قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، تەكشۈرۈشلەرنىڭ مارت ئېيىغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ۋە قائىدىلەرگە رىئايە قىلمىغانلارنىڭ ئېغىر جازاغا تارتىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر