ئىران نېتانياھۇنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىكى ئىرانغا ئائىت مەزمۇنغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف ئىراق پايتەختى باغدادتا يۈز بەرگەن ھۇجۇم بىلەن ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنىڭ باياناتلىرىدىكى ئورتاق مەقسەتنىڭ، ئامېرىكانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى جو بايدىننى تۇزاققا چۈشۈرۈش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1568845
ئىران نېتانياھۇنىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىكى ئىرانغا ئائىت مەزمۇنغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف تۋىتتېردا ھەمبەھىرلىگەن ئۇچۇرىدا، تۈنۈگۈن (2021-يىلى 22-يانۋار) باغدادتا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمى ۋە نېتانياھۇنىڭ بايدىننى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان تېلېگراممىسىدىكى ئىرانغا مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى.

ئۇ: «باغدادتىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە نېتانياھۇنىڭ مەقسىتى، ئامېرىكانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى بايدىننى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئامېرىكالىقلارنىڭ جېنى ۋە مېلىنى ئىرانغا قارشى ئىسىراپ قىلىش. نېتانياھۇنىڭ ئېچىنىشلىق چارەسىزلىككە قارىماي ئىرانغا قارشى تۈزگەن پەسكەش پىلانلىرى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ» دېدى.

تۈنۈگۈن باغداد مەركىزى تاياران مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئادەم بومبا ھۇجۇمىدا، 32 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىپ، 110 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇ 20-يانۋار قەسەم بېرىپ پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان تېلېگراممىسىدا: «ئامېرىكا-ئىسىرائىلىيە ئىتتىپاقلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش، ئىسىرائىلىيە بىلەن ئەرەب دۇنياسى ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىقنى كېڭەيتىشنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئاساسلىقى ئىران پەيدا قىلغان تەھدىت قاتارلىق ئورتاق قىيىنچىلىقلار بىلەن يۈزلىشىش ئۈچۈن، سىز بىلەن بىرگە خىزمەت قىلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىمەن» دېگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر