ئامېرىكادا جۇمھۇرىيەتچىلەر بايدىنغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى مارجورى گرىن (Marjorie Greene) يېڭى پىرېزىدېنت جو بايدىنغا قارشى «ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش ماددىسى» نى كونگرەگە سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1568897
ئامېرىكادا جۇمھۇرىيەتچىلەر بايدىنغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى مارجورى گرىن يېڭى پىرېزىدېنت جو بايدىنغا قارشى «ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش ماددىسى» نى كونگرەگە سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ تۋىتتېردا  ھەمبەھىرلىگەن ۋىدېئودا، «بايدىننى «ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىش» بىلەن ئەيىبلىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بايدىننىڭ ئوغلى خانتېر بايدىن (Hunter Biden) نىڭ ئۇكرائىنادا قىلغان ئىشلىرىنى تىلغا ئالدى.

دېموكراتلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئاۋام پالاتاسىدا جۇمھۇرىيەتچى ئەزانىڭ ئىلتىماسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى كۈتۈلمىسىمۇ، ئەمما «سىمۋوللۇق» مەنىدە بايدىنغا قارشى خىزمىتى باشلىنىپلا «ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش ماددىسى» نىڭ سۇنۇلۇشى، جەمئىيەتتە زور دىققەت قوزغىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسىي پېلوسى خانىم سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپقا قارشى قوبۇل قىلىنغان «ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش ماددىسى» نىڭ كېڭەش پالاتاسىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەمما، قاچان ئەۋەتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ رەھبىرى مىچ مىككوننېل (Mitch McConnell) سابىق پىرېزىدېنت ترامپقا مۇناسىۋەتلىك كېڭەش پالاتاسىدىكى بېلەت تاشلاش ئىشلىرىنى فېۋرال (2021) ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كېچىكتۈرۈشنى تەكلىپ قىلدى.

ئۇ كېڭەش پالاتاسىدىكى جۇمھۇرىيەتچى ئەزالار بىلەن قىلغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ترامپنى سوتلاشقا تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ۋاقىتقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاۋام پالاتاسى ئامېرىكانىڭ 45-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى ترامپنى 6-يانۋار يۈز بەرگەن كونگرە بىناسىغا بېسىپ كىرىش ۋەقەسىگە باغلاپ «ئىسيان قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن «ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلاش ماددىسى» نى قوبۇل قىلغان ئىدى.

سابىق پىرېزىدېنت ترامپ ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ئىسيان قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلمىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ زوراۋانلىققا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر