دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىليون 100 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىليون 100 مىڭ 800 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 98 مىليون 109 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 70 مىليون 517 مىڭدىن ئاشتى.

1568976
دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 2 مىليون 100 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 420 مىڭ 285 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 25 مىليون 196 مىڭغا يەتتى.

ئامېرىكانىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى جو بايدىن سەھىيە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى ئانتونى فاۋچى (Anthony Fauci): «ئامېرىكالىقلارنىڭ %85-70 ى مۇشۇ ياز ئوتتۇرىسىغىچە ياكى ئاخىرىغىچە ۋاكسىنا ئەملەتتۈرسە، كۈزدە ئازىراق بولسىمۇ نورماللىشىشىمىز مۇمكىن» دېدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 84 مىڭ 202 كىشى جېندىن ئايرىلغان، 2 مىليون 428 مىڭ كىشى يۇقۇملانغان ئىتالىيەدە، ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەشتىكى كېچىكىشلەر سەۋەبىدىن ئەملەش خىزمەتلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاستىلاپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 404 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 55 مىڭ 41 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 44 مىڭ 357 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 2 مىليون 456 مىڭ 675 كە چىقتى.

ئىسپانىيەدە 2020-يىلى 27-دېكابىردىن باشلاپ 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ۋاكسىنا ئەملەتتۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى.

پورتۇگالىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 9 مىڭ 686 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 595 مىڭ 149 غا چىقتى. ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشقا مەكتەپلەر 25-يانۋاردىن تارتىپ ئىككى ھەپتىلىك قويۇپ بېرىلدى. قاۋاقخانا، رېستوران ۋە ماگېزىنلارنىڭ خىزمەت ۋاقىتلىرىغا چەكلىمە قويۇلدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 34 مىڭ 561 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 457 مىڭ 755 كە يەتكەن پولشادا، مالوپولسكا (Malopolska) رايونىدا بىر بېماردىن ئېلىنغان قان ئەۋرىشكىسىدە، ۋىرۇسنىڭ تېز تارقىلىدىغان يېڭى تۈرى بايقالدى.

ئېكۋادوردا ئامېرىكا دورا شىركىتى فايزېر بىلەن گېرمانىيەنىڭ بىيونتېك شىركىتى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋاكسىنا ئەملىنىشكە باشلاندى.

ئېكۋادور ھۆكۈمىتى بىرنچى باسقۇچلۇق ۋاكسىنا ئەملەشتە، سەھىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان 43 مىڭ كىشىنى ئەملەشنىڭ نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈلدى.

ئېكۋادوردا ھازىرغىچە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 236 مىڭ 189 كىشى يۇقۇملاندى، 14 مىڭ 526 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

ھىندىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 153 مىڭ 67 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 10 مىليون 626 مىڭ 200 گە چىقتى.

خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىدە ئىككى دوختۇرخانا كارانتىنغا ئېلىندى. كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ خادىملىرى تەكشۈرۈشنى باشلىدى. خىتايدا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار بولمىدى، ئەمما 103 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالدى.

ياپونىيە ئىچكى كابېنتى دوختۇرخانىدا ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىشنى رەت قىلغان ياكى خىزمەت قىلىش ۋاقتىغا چەك قويمىغان كىشى ۋە شىركەتلەرگە جەرىمانە قويۇش، ھەتتا قاماق جازاسى بېرىش تەكلىپ قىلىنغان ئىككى قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.

مىسىر دارۇلئىفتا (پەتۋا ئىدارىسى) يېقىنقى كۈنلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن ۋاكسىنا ئەملىتىشكە «ۋاجىپ» دەپ پەتىۋا بەردى. مىسىردا ۋاكسىنا ئەملەش ئىشلىرى تۈنۈگۈن (2021-يىلى 21-يانۋار) سەھىيە خادىملىرىنى ئەملەش بىلەن باشلاندى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈملەر ئوتتۇرىچە نىسبەتنىڭ ئۈستىگە چىقتى. ئافرىقا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى جون نكېنگاسوڭ (John Nkengasong)، دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەب بولغان ئۆلۈم نىسبىتى %2.2 بولغان بولسا، ئافرىقادا %2.5 بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 81 مىڭدىن ئاشتى. يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 352 مىڭدىن ئاشتى.  

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيە 214 مىڭ 228، مېكسىكا 146 مىڭ 174، ئەنگلىيە 94 مىڭ 580، فىرانسىيە 71 مىڭ 998، گېرمانىيە 51 مىڭ 151، كولومبىيە 50 مىڭ 187، ئارگنېتىنا 46 مىڭ 355، پېرۇ 39 مىڭ 274، ئۇكرائىنا 21 مىڭ 499، بېلگىيە 20 مىڭ 572، رۇسىيە 67 مىڭ 837، ئىران 57 مىڭ 157، جەنۇبىي ئافرىقا 39 مىڭ 501 ۋە ھىندونېزىيە 27 مىڭ 203.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر