نىيۇ يوركتا بىر ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك ئىشتاتىدا ئۇچۇش مەشىقى قىلىۋاتقان بىر ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى.

1568353
نىيۇ يوركتا بىر ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ نىيۇ يورك ئىشتاتىدا ئۇچۇش مەشىقى قىلىۋاتقان بىر ھەربىي تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى. ۋەقەدە ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

مەزكۇر تىك ئۇچار روچېستېر (Rochester) خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن ئۇچقان بولۇپ، نىيۇ يوركنىڭ غەربىگە جايلاشقان مېندون (Mendon) بازىرىدىكى بىر ئېتىزلىققا چۈشۈپ كەتتى.

ۋەقەدە، تىك ئۇچاردىكى ئۈچ ھەربىي خادىم جېنىدىن ئايرىلدى. ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر