خىتاي پومپېيو قاتارلىق 28 ئامېرىكالىق ئەمەلدارغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

بېيجىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو قاتارلىق 28 ئامېرىكا ئەمەلدارىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

1568218
خىتاي پومپېيو قاتارلىق 28 ئامېرىكالىق ئەمەلدارغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكادىكى بىر قىسىم خىتايغا قارشى سىياسىيونلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىقى تەكىتلىنىپ: «ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا ئامېرىكادىكى بىر قىسىم خىتايغا قارشى سىياسىيونلار، خىتايغا قارشى شەخسىيەتچى سىياسىي مەنپەئەتلىرى، بىر تەرەپلىمە قاراشلىرى، خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكى سەۋەبىدىن ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ، خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلىشىش، مەنپەئەتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق سېلىش، خىتاي خەلقىنى غەزەپلەندۈرۈش ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرۇشتەك بىر قاتار پىلانلارنى تۈزدى، قوللىدى ۋە ئىجرا قىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى- تەرۇز قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن 28 ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، مەزكۇر كىشىلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىنىڭ خىتاي، خوڭكوڭ ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىغا كىرىشى، شۇنداقلا بۇ كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بار شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىك ۋە تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغداش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكى تەكىتلەندى.

پومپېيو 15- يانۋاردا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، 6- يانۋاردا خوڭكوڭدا 53 ئۆكتىچىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىشىنى ئەيىبلىگەن ۋە رايوندا دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا مەسئۇل مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتتىن ئالتە ئەمەلدارنى جازالىغانلىقىنى بايان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر