دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنى تەبرىكلىدى

ئامېرىكادا 3-نويابىر (2020) ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدا غەلىبە قىلغان جو بايدىن ۋە ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامېلا خارىس قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تەبرىك تېلېگراممىلىرى كېلىشكە باشلىدى.

1568230
دۇنيادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا يېڭى ھۆكۈمىتىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار ئامېرىكادا پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغان جو بايدىن ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنت كامېلا خارىسنى تەبرىكلىدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلىز مىشېل (Charles Michel) تەبرىك تېلېگراممىسىدا: «تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ياۋروپا، تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان ئامېرىكا ۋە تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان دۇنيا» قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېڭى دەۋردە ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىدە ئالدىن ئەھمىيەت بېرىدىغان مەسىلىلەرنى، «كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19 ) غا قارشى تۇرۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئادىل سودا بىلەن ئىقتىسادلارنى قايتىدىن بىنا قىلىش، خەۋپسىزلىك ۋە تىنچلىق ئۈچۈن كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈش» شەكلىدە رەتكە تىزدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئۇرسۇلا ۋوندېرلېيېن (Ursula von der Leyen) تىۋىتتېردا، بايدىن بىلەن خارىسنى تەبرىكلىدى ۋە: «ياۋروپا يىپيېڭى باشلانغۇچقا تەييار» دېدى.

ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ يازما باياناتىدا، ئىتتىپاق نامىدىن بايدىن ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى كامېلا خارىسنى تەبرىكلەپ: «بۈگۈن ئاتلانتىك ئىتتىپاقى ئۈچۈن يېڭى دەۋرنىڭ باشلانغۇچىسى» دېدى.

ئۇ: «پىرېزىدېنت بايدىن بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى ۋە ئۆزىنى بۇ يىل (2021) بىريۇسسېلدىكى ناتو رەھبەرلەر يىغىنىدا كۈتۈۋېلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىمەن» دېدى.

ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو بايدىغا خىزمىتىدە مۇۋەپپەقىيەت تىلىدى ۋە ئامېرىكا بىلەن دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «ئامېرىكا بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت ۋە ئېتىراپ قىلىشقا تايانغان يېڭى باشلانغۇچنى باشلاشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.

ئۇ بايدىندىن ۋېنېزۇئېلاغا ئادىل بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى سۇگا يوشىھىدەمۇ تىۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ، بايدىننى ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى كامېلا خارىسنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا بىر-بىرىدىن مۇستەھكەم ۋە دۇنياۋى مەنىۋى قىممەت قاراشلارغا ئىگە ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەت. ئىتتىپاقداشلىقىمىزنى قوللاش، ‹ئەركىن ۋە ئوچۇق بولغان ھىندى-ئاتلانتىك› نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سىزنى ۋە خىزمەتداشلىرىڭىز بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ۋاشىنگتوندىكى يېڭى ھۆكۈمەتكە، «رەزىللىك ئىچىدە تارىخنىڭ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋېتىلگەن» ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنى قايتىلىماسلىقنى چاقىرىق قىلدى.

ھاماسمۇ جو بايدىننى پەلەستىن دەۋاسىنى چىقىرىۋېتىش ھەرىكەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك قارارلارنى توختىتىشقا چاقىردى. ھاماس باياناتچىسى فەۋزى بەرھۇم بايدىننىڭ، «پەلەستىن خەلقىگە قارشى خاتا ۋە ئادالەتسىز ئامېرىكا سىياسەتلىرىنىڭ تارىخىي يۈزلىنىشى» نى تۈزۈتۈش كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر