ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋىرۇس توغرىسىدا يىغىن چاقىرىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) غا يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر، ۋاكسىنا بىلەن تەمىنلەش ۋە تارقىتىش، ۋاكسىنا ئەملەتكەنلەرگە كېنىشكە بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن سىن يىغىنىدا كۆرۈشىدۇ.

1567622
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋىرۇس توغرىسىدا يىغىن چاقىرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن سىن يىغىنى چاقىرىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىنىڭ ئەتە (2021-يىلى 21-يانۋار) كەچتە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى يولغا قويغان تەدبىرلەرنىڭ كوردىناتسىيەسى، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ بايقالغان يېڭى تۈرلىرىگە قارشى يولغا قويۇلىدىغان تەدبىرلەر، سىناق ۋە كۆزىتىش ئىستراتېگىيەلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدا ھازىرغىچە تەستىقلانغان بىيونتېك (BioNTech) بىلەن فايزېر (Pfizer) ۋە مودېرنا (Moderna) تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان ۋاكسىنالار، 2020-يىلى دېكابىردىن باشلاپ خەلققە ئەملەنمەكتە.

ئاسترازېنېكا (AstraZeneca) بىلەن ئوكسفورد (Oxford) ئۇنىۋېرستېتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان ۋاكسىنانىڭ، مۇشۇ ئاي (2021-يىلى يانۋار) نىڭ ئاخىرىدا  تەستىقلىنىشى كۈتۈلمەكتە.

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى بۈگۈنگىچە ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياسىغان شىركەتلەر بىلەن ئەزا دۆلەتلەر نامىدا تۈزگەن ئالتە كېلىشىم نەتىجىسىدە، تەخمىنەن 2.3 مىليارد شىشە ۋاكسىنا سىتىۋالالايدىغان ھالغا كەلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىيونتېك-فايزېر ۋاكسىناسىدىن 600 مىليون شىشە، ئاسترازېنېكا ۋاكسىناسىدىن 400 مىليون، سانوفى- ج س ك (Sanofi-GSK) دىن 300 مىليون، جونسون ۋە جونسون (Johnson and Johnson) شىركىتىدىن 400 مىليون، كىيۇرۋاك (CureVac) تىن 405 مىليون، مودېرنادىن 160 مىليون شىشە ۋاكسىنا سىتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر