ئافغانىستان ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى

ئافغانىستان مىللىي يارىشىش ئالىي كېڭىشى رەئىسى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا تالىبانلار بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سۆھبەت ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشىنى ئېيتتى.

1565891
ئافغانىستان ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئابدۇللاھ پايتەخت كابۇلدىكى بىر مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، ئافغانىستان تولۇق ھوقۇقلۇق سۆھبەت گۇرۇپپىسىنىڭ دوھادا تالىبانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستان سۆھبەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ئابدۇللاھ: «دوھادا داۋاملىشىۋاتقان ئافغانىستانلىقلار ئارا سۆھبەتلەر ئارقىلىق زوراۋانلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلىنىشىنى خالايمىز» دېدى.

ئۇ ئافغانىستاننىڭ تىنچلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن رايون ۋە خەلقئارالىق ئورتاق تونۇشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

12- ئاينىڭ 14- كۈنى تەرەپلەرنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن توختىتىلغان ئافغانىستان بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى باسقۇچلۇق سۆھبەت 6- يانۋاردا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر