«پۇل- مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» تۈركىيەنىڭ ئافرىقادىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلدى

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «پۇل- مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» تۈركىيەنىڭ ئافرىقادىكى پائالىيەتلىرىنى مەركەز قىلغان بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى.

1565966
«پۇل- مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» تۈركىيەنىڭ ئافرىقادىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «پۇل- مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى ماقالىسىدە، ئافرىقا قاناللىرىدا تارقىتىلغان تۈرك تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ ئەنقەرەنىڭ بۇ قىتئەگە كۆرسىتىۋاتقان تەسىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ كىچىك، ئەمما كۆرۈنەرلىك بەلگىسى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تۈركىيەنىڭ ئافرىقا قىتئەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ گۈللىنىشىگە باشلامچىلىق  قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن ماقالىدە: «تۈركىيە 2009- يىلدىن بۇيان ئافرىقادىكى ئەلچىخانىلىرىنىڭ سانىنى 12 دىن 42 گە چىقاردى، ئەردوغان 20 دىن ئارتۇق ئافرىقا دۆلىتىدە زىيارەتتە بولدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئەنقەرەنىڭ سېنېگالدىكى ئولىمپىك كۆلچىكى، سومالىدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي گازارما ۋە جىبۇتىدىكى چوڭ جامەگە ئوخشاش ئافرىقادىكى ئاساسلىق ئۇل ئەسلىھە كېلىشىملىرى ۋە توختاملارغا ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ، رايونغا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جۇغراپىيەلىك جەھەتتە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ناماياندىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

تۈركىيەنىڭ يوللىرىنى ئېلىپ، چوڭ ھەربىي مەشىق لاگېرى قۇرغان سومالىدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، مەكتەپلەرنى سېلىپ ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن ماقالىدە: «ئۇ يەردە شۇنداق سېخىيلىقلار نامايان قىلىندىكى، بىر قىسىم ئائىلىلەر ئوغۇل پەرزەنتلىرىگە ئەردوغاننىڭ ئىسمىنى قويدى» دېيىلدى.

ماقالىدە ئافرىقىلىق مۇتەخەسسىس راشىد ئابدىنىڭ: «تۈركىيە سومالىدىكى روشەن چوڭ كۈچ، ئەمما تۈركىيە ئېفىيوپىيەدىكى ئىنتايىن مۇھىم سودا كۈچى» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر