خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ماروژنىدا كوۋىد-19 ۋىرۇسى بايقالدى

خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭغا يېقىن تىيەنجىن شەھىرىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ماروژنىدىن كوۋىد-19 چىقتى.

1565783
خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان ماروژنىدا كوۋىد-19 ۋىرۇسى بايقالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ماروژنا ئىشلەپچىقارغۇچى داچىياۋداۋ يېمەكلىك شىركىتىنىڭ تاقالغانلىقىنى ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ كوۋىد-19 تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ۋىرۇس بايقالغان ماروژنىلار مۇسادىرە قىلىندى. 29 مىڭ كارتون ماروژنىنىڭ تېخى سېتىلمىغانلىقى ۋە سېتىلغانلىرىنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

ھۆكۈمەت ماروژنا تەركىبىدىكى سۈت پاراشوكىنىڭ يېڭى زېلاندىيەدىن، ئېرەمچىك پاراشوكىنىڭ ئۇكرائىنادىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدە تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرۇغا چىققان ۋىرۇسنىڭمۇ ئەسلىدە چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىنغان يېمەكلىكلەر بىلەن خىتايغا كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر