جەنۇبىي كورېيەدە سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ رەئىسى ۋە ۋارىسى 2.5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

جەنۇبىي كورېيە سېئۇل ئالىي سوت مەھكىمىسى سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ رەئىسى ۋە ۋارىسى لې جەييوڭنى 2015 - يىلى  سامسۇڭنىڭ تالاش-تارتىشلىق 2 تارمىقىنى بىرلەشتۈرۈشتە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىككى  يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

1565747
جەنۇبىي كورېيەدە سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ رەئىسى ۋە ۋارىسى 2.5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەدە سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ تالاش-تارتىشلىق 2 تارمىقىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىرىكلىك بارلىقىغا ئالاقىدار دېلو نەتىجىلەندى.

جەنۇبىي كورېيە سېئۇل ئالىي سوت مەھكىمىسى سامسۇڭ گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لې جەييوڭغا 2.5 يىللىق قاماق جازاسى بەردى.

لې سابىق پىرېزىدېنت پارك گيۇنخاينىڭ ۋەزىپىسىن ئېلىپ تاشلىنىشىغا يول ئاچقان پارىخورلۇق سەتچىلىكى دائىرىسىدە سوتلانماقتا ئىدى.

لې سابىق پىرېزىدېنت پارك گيۇنخاينىڭ يېقىن دوستى چوي سىل باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئارقىلىق  «ئىئانە» باھانىسى ئاستىدا ھۆكۈمەت ئەزالىرىغا پارا بېرىش بىلەن ئەيىپلەنگەن ئىدى.

جەنۇبىي كورېيە ئالىي سوت مەھكىمىسى سابىق پىرېزىدېنت پارك گيۇنخايغا پارىخورلۇق، ھوقۇقىنى سۈيىئىستېمال قىلىش ۋە باشقا جىنايەتلەر بىلەن 22 يىللىق قاماق جازاسى بېرىشنى تەستىقلىغان ئىدى.

جەنۇبىي كورېيەنىڭ تۇنجى كونسېرۋاتىپ ئايال رەھبىرى 2017 - يىلى چىرىكلىك ۋە پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر