ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىش دەاۋاملاشماقتا

مىڭلىغان ئىسرائىلىيەلىكلەر كارانتىنا ئېلان قىلىنغانلىقىغا قارىماستىن، چىرىكلىك دېلوسى ۋە يۇقۇمنى باشقۇرالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

1565110
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بىنيامىن نېتانياھۇغا قارشى نامايىش دەاۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىن جەنۇبقا تۇتىشىدىغان كۆۋرۈك ۋە يول ئېغىزلىرىغا توپلانغان ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ نامايىشى تۈنۈگۈن نېتانياھۇنىڭ تۇرالغۇسى ئالدىغا مەركەزلەشتى.

نامايىشچىلار «نېتانىياھۇ چوڭ ساختىپەز» دېگەن لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرىنىڭ ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلىدىغان شوئارلارنى توۋلىدى.

كارانتىنا ئېلان قىلىنغانلىقىغا قارىماستىن،  كوچىلارغا چىققان نامايىشچىلار كوۋىد-19 يۇقۇمىنى كونتىرول قىلىشتا مەغلۇپ بولغانلىقى، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي شارائىتلارنىڭ چېكىنىپ كەتلەنلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن نېتانياھۇغا قارشى نامايىشلىرىنى 30 ھەپتىن بېرى داۋاملاشتۇرماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر