پايتەخت ۋاشىنگتون گويا ھەربىي بازىغا ئايلىنىپ قالدى

ئامېرىكانىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون (گويا ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەندەك) تەييار ۋەزىيەتتە تۇرماقتا.

1565101
پايتەخت ۋاشىنگتون گويا ھەربىي بازىغا ئايلىنىپ قالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پرېزىدېنتلىققا سايلانغان جو بايدېن 20 - يانۋار قەسەم بېرىدىغان بولۇپ، قەسەم بېرىش مۇراسىمىدىن ئىلگىرى تەدبىرلەر ئەڭ يۇقۇرى سەۋىيەگە چىقىرىلدى.

ۋاشىنگىتوندا قەسەم بېرىش مۇراسىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، تەدبىرلەرمۇ قەدەممۇ قەدەم يولغا قويۇلماقتا. دەسلەپتە ئاقساراي ۋە دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا تۇتىشىدىغان بارلىق يوللار تاقىۋېتىلدى. ئاندىن ھالقىلىق نۇقتىلار توساقلار بىلەن قورشاۋغا ئېلىندى.

قەسەم بېرىش مۇراسىمىنىڭ بىخەتەرلىكى تەدبىرلىرى دائىرىسىدە مىڭلىغان دۆلەت مۇھاپىزەتچىلىرى، فېدېراتسىيە تەكشۈرىش ئىدارىسى خادىملىرى ۋە ساقچىلار كوچىلارنى تولدۇردى.

دەسلەپتە ئاقساراي ۋە دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا تۇتىشىدىغان بارلىق يوللار تاقىۋېتىلدى. ئاندىن ھالقىلىق نۇقتىلار توساقلار بىلەن قورشاۋغا ئېلىندى.

بەزى بىنالارغا كىرىش-چىقىش مەنئى قىلىنىدى. ئاقساراي ۋە ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پېنسنىڭ ئىشخانىسى جايلاشقان ئېزىنخاۋېر بىناسىغىمۇ كىرىش-چىقىش چەكلەندى.

ساقچىلار دۆلەت مەجلىسى بىناسى ئەتراپىدا بىر كىشىنى نازارەتكە ئالدى. ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىنى تەكشۈرگەندە «Glock » ماركىلىق تاپانچا ۋە 509 پاي ئوق تېپىلدى. جىنايەت گۇماندارى رۇيخەتكە ئېلىنمىغان قورال ۋە  ئوق-دورا ئېلىپ يۈرۈش قاتارلىق بىر قانچە خىل جىنايەتلەر بىلەن قولغا ئېلىندى.

ساقچىلار شەھەرنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىغىمۇ توساقلارنى قۇردى. شەھەردىكى 13 مېترو بېكىتى بايدېن قەسەم بېرىدىغان 20-يانۋارغا بىر كۈن قالغىچە خىزمەتتىن توختىتىلغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

دۇكان ئىگىلىرى بولسا، ئىلگىرى قوللانغان ياغاچ تاختايلار بىلەن قوغداش ئۇسۇلىنى قايتا ئىشلەتتى. بىرەر ۋەقە چىقىپ قىلىش ئېھتىمالىغا قارشى دۇكان كۆزنەكلىرىنى تاقاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر