دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى ئىرقچىلىققا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى ئەلى مۇھىددىن ئەل قاراداغى يېڭىدىن ئەۋىج ئېلىشقا باشلىغان ئىرقچىلىق ۋە مىللىي ئايرىمچىلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى.

1565167
دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلىكى باش كاتىپى ئىرقچىلىققا قارشى ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلى مۇھىددىن ئەل قاراداغى فېيسبۇك ھېسابىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، ئىرقچىلىق ۋە مىللىي كەمسىتىشنىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور خەتەر ئىكەنلىكى تەرەپكە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، «بۇ مەسىلە تارىخ بويىچە توقۇنۇش، مالىمانچىلىق ۋە ئىنساننىڭ خورلىنىشىغا سەۋەب بولۇپ كەلگەن» دېدى.

ئىلاھىي قانۇن ۋە خەلقئارالىق قانۇنلارنىڭمۇ ئىرقچىلىق ۋە مىللىي كەمسىتىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى، ئەڭ باشتا ئىسلام دىنىنىڭ بۇنى چەكلەش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن قاراداغى، بارلىق كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئىرقچىلىق ۋە مىللىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە چاقىردى.

ئەلى مۇھىددىن ئەل قاراداغى ئىرىقچىلىقنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا قارشى كۈرەش باھانىسى بىلەن يېڭىدىن، ئىنتايىن كۈچلۈك بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئەمما بىز غەربنى ۋە باشقىلارنى ئىرقچىلىققا قارشى ۋە بۇنىڭ مۇسۇلمانلارغىلا ئەمەس، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئېلىپ كېلىدىغان ھالاكەتلىك تەسىرىگە قارشى ئاگاھلاندۇردۇق» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر