ئىسپانىيە: تۈركىيە – گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىدىن خۇرسەنمىز
ئىسپانىيە تۈركىيە – گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
1564757
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئىسپانىيە شەرقىي ئاقدېڭىزدا دىيالوگنى تەشۋىق قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى قىزغىن قوللىماقتا. بۇ دائىرىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ، 2020 – يىلى، دېكابىردا ياۋروپا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىگە ماس ھالدا، رايوندا سۈركىلىش ۋە جىددىيچىلىكنى ئازايتىش مەسىلىسىدە ئالغا ئىلگىرىلەشكە، رايوندا بايلىق مەنبەلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا ھەسسە قوشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.»
تۈركىيە – گىرېتسىيە ئوتتۇرىسىدىكى 65 – نۆۋەتلىك ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ 25 – يانۋار كۈنى ئىستانبۇلدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.