مالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

مالىنىڭ بۇركىنا فاسو چېگراسىدا ئۆتكەن ھەپتە 15 تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى.

1564847
مالىدا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىرانسىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن بولىكېسسى رايونىدا، 9 – يانۋار كۈنى، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەلقائىدەگە قاراشلىق بىر گۇرۇپپىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، 15 تېررورچى ئۆلتۈرۈلگەن، كۆپ ساندا ئوق - دورا قولغا چۈشۈرۈلگەن.

مالىدا، فىرانسىيە قىسىملىرىنىڭ بارخان ھەرىكىتى دائىرىسىدە، ئالدىنقى يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇ يىل يانۋارنىڭ باشلىرىغىچە 5 ئەسكەر قازا قىلغانىدى.

2013-يىلدىن باشلاپ نىگېر، چاد، ماۋرىتانىيە، بۇركىنا فاسو ۋە مالىدا داۋاملىشىۋاتقان ۋە 5 مىڭ 100 ئەسكەر قاتناشقان بارخان ھەرىكىتى داۋامىدا، جەمئىي 50 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر