ماكرون ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللىدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللاپ، 2021 – يىلى ياۋروپانىڭ مۇقىملىقىغا تۈركىيەنىڭ ھەسسە قوشۇشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1564746
ماكرون ئەردوغانغا مەكتۇپ يوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹L'Opinion› گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماكرون، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغان مەزگىلدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 19-دېكابىر كۈنى ھال سوراپ يازغان خېتىگە جاۋابەن يوللىغان مەكتۇبىدا، سەمىمىي ئىپادىلەرنى ئىشلەتكەن.

مەكتۇپنى تۈركچە «ھۆرمەتلىك تاييىپ ئەپەندىم» دەپ باشلىغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون، تۈركىيە خەلقى ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا ئەڭ ياخشى تىلەكلەردە بولغان.

«كوۋىد – 19» يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش مەسىلىسىدە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قاراشلىرىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ماكرون، بۇ مەسىلىدە، بولۇپمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كېلەچىكى مەسىلىسىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشتىن مەمنۇن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «2021 – يىلىنىڭ ياۋروپا قىتئەسىدە تۈركىيەنىڭ تۆھپىلىرى بىلەن مۇقىملىق ئورنىتىلغان بىر يىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىككى رەھبەر، يېقىندا ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق كۆرۈشكەن.

گېزىتنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تاغلىق قاراباغ توقۇنۇشىنىڭ باشلىرىدا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكروننىڭ كۆرۈشۈش تەلىپىنى رەت قىلغان، ئەمما 15 ئايلىق سۈركىلىشتىن كېيىن، 2020 – يىلى دېكابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر