ئاۋام پالاتاسى ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ «ئىسيانغا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ماددىسى قوبۇل قىلىندى.

1563404
ئاۋام پالاتاسى ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەلەپ قىلىنغان قانۇن لايىھەسىدە، پىرېزىدېنت ترامپ 2021-يىلى 6-يانۋاردىكى كونگرەگە بېسىپ كىرىش ۋەقەسىدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان باياناتلىرى سەۋەبىدىن شۇ كۈنى يۈز بەرگەن زوراۋانلىققا مەسئۇل دەپ قارالدى.

ئاۋام پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن بېلەت تاشلاشتا، ترامپ «ئىسيانغا قۇتقۇراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ماددىسى 197 گە قارشى 232 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكانىڭ 45-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكا تارىخىدا «ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەلىپى بىلەن ئىككى قېتىم ئەيىبلەنگەن تۇنجى پىرېزىدېنت» بولۇپ قالدى.  ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ماددىسىنى 10 جۇمھۇرىيەتچى ۋەكىلنىڭمۇ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى دىققەت قوزغىدى.

ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش مۇساپىسىنىڭ سوتلاش باسقۇچى ۋە ترامپنىڭ جىنايەتچى ياكى ئەمەسلىكىگە قارار قىلىدىغان كېڭەش پالاتاسىنىڭ قاچان بېلەت تاشلايدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. كېڭەش پالاتاسىدا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ رەھبىرى مىتچ مىككوننېل (Mitch McConnell) باياناتىدا، ترامپ سوتلىنىدىغان يىغىننىڭ 20-يانۋار (2021) دىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن، ترامپنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا سوتلىنىشىنىڭ جو بايدىن دەۋرىگە قالغانلىقى جەزملەشكەن بولدى.

كېڭەش پالاتاسىنىڭ ترامپنى جىنايەتچى دەپ بېكىتىشى ئۈچۈن 100 جۇمھۇرىيەتچىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچتىن ئىككىسى، يەنى ئەڭ ئاز دېگەندە 67 ئەزا قوللاپ بېلەت تاشلىشى كېرەك.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر زېلېنسكىي (Vladimir Zelenskiy) بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزلىرى سەۋەبىدىن 2019-يىلى دېكابىر ئېيىدا ئاۋام پالاتاسىدا ئەيىبلەنگەن بولۇپ، 2020-يىلى فېۋرال ئېيىدا كېڭەش پالاتاسىدا ئاقلانغان ئىدى.

ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتلار مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنسقا ئاساسىي قانۇننىڭ 25-ماددىسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ ترامپنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشنى چاقىرىق قىلغان لايىھەمۇ تۈنۈگۈن (2021-يىلى 13-يانۋار) كېچە قوبۇل قىلىنغان ئىدى.

مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنس بولسا، مەزكۇر ماددىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئېنىق ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر