ئىران يېڭى يادرو قورالى تەتقىقاتىنى باشلىدى

ئىراننىڭ ب د ت نىڭ ۋىيېننادىكى ئىشخانىسىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كازىم گارىب ئابادى: «تېھران تەتقىقات رېئاكتور قازىنى ئۈچۈن يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلغان يېقىلغۇ تۈرىنى لايىھەلەش تەتقىقاتىنى باشلىدى» دېدى.

1563447
ئىران يېڭى يادرو قورالى تەتقىقاتىنى باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كازىم گارىب ئابادى يادرو يېقىلغۇسى ئۈچۈن تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقى ھەققىدە تۋىتتېردا ئېلان قىلغان باياناتىدا، يېقىلغۇنى ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقىغا مەلۇمات بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تۇنجى قەدەمدە مېتال ئۇران ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تەبىئىي ئۇران ئىشلىتىلىدۇ» دېدى.

2015-يىلى ئىمزالانغان ۋە «ئىران يادرو كېلىشىمى» دەپ بىلىنىدىغان كەڭ دائىرىلىك ئورتاق ھەرىكەت پىلانى، ئىراننىڭ ئۇران مېتالى ئۈستىدە تەتقىقات قىلىشىنى چەكلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېتال ئۇران يادرو قورالى ئىشلەپچىقىرىشتا قوللىنىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، مۇتەخەسىسلەر ئىنتايىن سەزگۈر قارايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر