دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 92 مىليون 879 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 مىليون 989 مىڭ 125 تىن، يۇقۇملانغانلار سانى 92 مىليون 879 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 66 مىليون 425 مىڭدىن ئاشتى.

1563801
دۇنيادا يۇقۇملانغانلار سانى 92 مىليون 879 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 393 مىڭ 928 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 23 مىليون 616 مىڭغا چىقتى. جونس خوپكىنس (Johns Hopkins) ئۇنىۋېرستېتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى تارقىلىشقا باشلىغاندىن بۇيانقى كۈندىلىك ئۆلۈم ۋەقەلىرىدە ئەڭ يۇقىرى سان كۆرۈلگەن.

بىرازىلىيەدە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 1 مىڭ 274 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە جەمئىي سان 206 مىڭ توققۇزغا يەتكەن. ئوخشاش ۋاقىتتا، 60 مىڭ 899 كىشى يۇقۇملىنىپ، جەمئىي سان 8 مىليون 257 مىڭغا يەتكەن.

يەرلىك سايلامدا غەلىبە قىلغاندىن ئىككىنچى قېتىم ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ۋە ۋاقتىنىڭ ھەممىسىنى دوختۇرخانىدا ئۆتكۈزگەن گوانىيا (Goiania) شەھىرىنىڭ باشلىقى ماگۇيتو ۋىلېلا (Maguito Vilela) جېنىدىن ئايرىلدى.

مېكسىكادا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 1 مىڭ 235 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 15 مىڭ 873 كىشى يۇقۇملاندى. ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 136 مىڭ 917 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 571 مىڭ 901 گە چىقتى.

ئەنگلىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 1 مىڭ 564 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 47 مىڭ 525 كىشى يۇقۇملاندى. ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 84 مىڭ 767 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 211 مىڭ 576 گە يەتتى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ۋابا سەۋەبىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈملىرىنىڭ چوڭ خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئىتالىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 527 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 80 مىڭ 326 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 15 مىڭ 774 كىشى يۇقۇملىنىپ، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىليون 319 مىڭ 36 گە چىقتى.

فىرانسىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 69 مىڭ 31 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىليون 830 مىڭغا چىقتى.

ئىسپانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 195 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي سان 52 مىڭ 878 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 38 مىڭ 869 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 2 مىليون 176 مىڭ 89 غا چىقتى.

ئارگېنتىنادا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 135 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 44 مىڭ 983 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 12 مىڭ 725 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 1 مىليون 757 مىڭ 429 غا چىقتى.

كولومبىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 342 كىشى جېنىدىن ئايرىلىپ، جەمئىي سان 47 مىڭ 124 كە چىققان. ئوخشاش ۋاقىتتا، 15 مىڭ 898 كىشى يۇقۇملانغان ۋە جەمئىي سان 1 مىليون 831 مىڭ 980 گە چىققان.

پېرۇدا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 74 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 2 مىڭ 932 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ  جەمئىي سانى 38 مىڭ 473 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 43 مىڭ 640 قا چىقتى.

ئېكۋادور سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 33 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 1 مىڭ 748 گە چىققان.  ئوخشاش ۋاقىتتا، 14 مىڭ 229 كىشى يۇقۇملىنىپ، جەمئىي سان 224 مىڭ 315 كە چىققان.

چىلىدا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 22 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 17 مىڭ 204 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 3 مىڭ 390 كىشى يۇقۇملىنىپ 652 مىڭ 525 كە چىقتى.

بولىۋىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بىر كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 39 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 2 مىڭ 57 كىشى يۇقۇملانغان. ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 9 مىڭ 493 كە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 178 مىڭ 818 گە چىققان.

گىۋاتېمالا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەردە بىلدۈرۈلىشىچە، يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 37 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە جەمئىي سان 5 مىڭ 117 گە چىققان. ئوخشاش ۋاقىتتا، 1 مىڭ 4 كىشى يۇقۇملىنىپ، جەمئىي سان 145 مىڭ 986 گە چىققان.

پاناما سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىدا بىلدۈرۈلىشىچە، يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 33 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي سان 4 مىڭ 954 كە چىققان. ئوخشاش ۋاقىتتا، 3 مىڭ 315 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 288 مىڭ 408 گە چىققان.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 1 مىڭ 660 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان دانىيەدە، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تېخىمۇ تېز تارقىلىدىغان «B117» تۈرى سەۋەبىدىن 2020-يىلى 16-دېكابىر يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنىڭ مۇددىتى 2021-يىلى 7-فېۋرالغا ئۇزارتىلدى.

گېرمانىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە 1 مىڭ 244 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 43 مىڭ 881 گە، 25 مىڭ 164 كىشىنىڭ يۇقۇملىنىشى بىلەن، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 978 مىڭ 590 غا چىقتى.

ھىندىستاندا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 198 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 151 مىڭ 765 كە چىقتى. بىر كۈندە 16 مىڭ 946 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 10 مىليون 512 مىڭغا چىقتى.

ھىندىستاندا 16-يانۋار (2021) دىن باشلاپ سەھىيە خادىملىرى ۋە 50 ياشتىن يۇقىرىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش باشلىنىدۇ.

رۇسىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى بىر كۈندە ۋىرۇس سەۋەبىدىن 570 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە جەمئىي سان 63 مىڭ 940قا؛ 24 مىڭ 763 كىشى يۇقۇملىنىپ، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىليون 495 مىڭ 816 گە چىققان.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى كەڭ كۆلەمدە ۋاكسىنا ئەملەش مۇساپىسىنى باشلاش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى. موسكۋادا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى يولغا قويۇلغان تەدبىرلەرنىڭ مۇددىتىنى 21-يانۋار (2021) غىچە ئۇزارتىش قارار قىلىندى. قارارغا ئاساسلانغاندا،كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، رېستوران، قاۋاقخانا ۋە قەھۋەخانىلار شۇ يەر ۋاقتى 23:00 تىن 06:00 گىچە تاقىلىدىكەن. ئاممىۋى سورۇن، ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرى، تاكسى، ماشىنا توختىتىش جايلىرى ۋە لېفىتلاردا ماسكا تاقاش مەجبۇرىي بولىدىكەن.

ئىراندا يېقىنقى بىر كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 81 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 56 مىڭ 538 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 6 مىڭ 471 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 1 مىليون 311 مىڭ 810 غا چىقتى.

خىتايدا ماي ئېيى (2020) بۇيان تۇنجى قېتىم بىر كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن خىتايدا، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 4 مىڭ 635 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 87 مىڭ 844 كە چىقتى.

ياپونيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 97 كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي سان 4 مىڭ 289 غا چىقتى. جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 304 مىڭ 752 گە چىقتى.

ياپونىيە تىبىىي فېدېراتسىيەسىنىڭ باشلىقى ناكاگاۋا توشىيو ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالدى ئېلىنالمىغان يۇقۇم سۈرئىتىنىڭ، سەھىيە سىستېمىسىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، دۆلەت مىقياسىدا جىددىي ھالەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالدى.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 3 مىڭ كىشى جېنىدىن ئايرىلغان، 163 مىڭ 100 كىشى يۇقۇملانغان ئەرمېنىيەدە، يۇقۇملانغان پىرېزىدېنت ئارمېن ساركىسياننىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىشى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلدى.

پەلەستىندە 30 كىشىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي سان 1 مىڭ 814 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 168 مىڭدىن ئاشتى.

يېقىنقى 24 سائەتتە ۋىرۇس سەۋەبىدىن 951 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ھىندونېزىيەدە، ۋاكسىنا ئەملەش ئىشلىرى باشلاندى. ھىندونېزىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى بۈگۈن (2021-يىلى 14-يانۋار) ئاساسلىقى سەھىيە خادىملىرىغا ۋاكسىنا ئەملەشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇنىستا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 5 مىڭ 415 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 168 مىڭ 568 گە چىقتى.

لىۋىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 1 مىڭ 629 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 106 مىڭ 670 كە چىقتى.

جەنۇبىي ئافرىقا سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە 806 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە جەمئىي سان 35 مىڭ 140 قا چىققان. يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 278 مىڭ 303 كە چىققان.

ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى ۋە جەنۇبىي ئافرىقانىڭ پىرېزىدېنتى سىيرىل رامافوسا (Cyril Ramaphosa)، قىتئەگە تارقىتىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان ۋاكسىنا شىركەتلىرىدىن 270 مىليون شىشە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسىنىڭ سېتىۋېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ 50 مىليون شىشە ۋاكسىنانىڭ ئاپرېل (2021) ئېيىدىن ئىيۇن ئېيىغىچە يېتىپ كېلىدىغان ۋاكسىنالارنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەرگە تارقىتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

پولشا 32 مىڭ 74، بېلگىيە 20 مىڭ 250، ئۇكرائىنا 20 مىڭ 214، كانادا 17 مىڭ 383، رۇمنىيە 16 مىڭ 969، چېخىيە 13 مىڭ 656، گوللاندىيە 12 مىڭ 685 ۋە ۋېنگرىيە 10 مىڭ 948.


خەتكۈچ: #ۋابا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر