ئېستونىيە باش مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

ئېستونىيە باش مىنىستىرى جۇرى راتاس پارتىيەسىگە قارىتىلغان چىرىكلىك ئەيىبلەشلىرى سەۋەبىدىن باش مىنىستىرلىقتىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1562902
ئېستونىيە باش مىنىستىرى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەھەللىي تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باش مىنىستىر راتاس پايتەخت تاللىندا «سىياسەتتىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قىيىن قارارلارنىڭ چىقىرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىستېپا بېرىشنى قارار قىلغانلىقى»نى ئېلان قىلغان.

ئىستېپا بېرىش قارارى ئېستونىيە خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ تۈنۈگۈنكى مەركىزى پارتىيە ۋە ئۇنىڭ بەش ئەزاسىنىڭ چىرىكلىككە چېتىشلىق بارلىقىدىن گۇمان قىلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى باياناتىدىن كېيىن چىقىرىلدى.

2016- يىلدىن باشلاپ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان راتاس، مەركىزى پارتىيە، سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسى ۋە ئىسما پارتىيەسى بىرلەشمىسىگىمۇ رەھبەرلىك قىلىۋاتاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر