ئامېرىكا ئارمىيەسى بايدىننىڭ 46-نۆۋەتلىك باش قوماندان بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ باشلىقى گېنېرال مارك مىللېي (Mark Milley) ۋە ئالتە ئارمىيەنىڭ قوماندانى ئىمزا قويۇپ ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئارمىيەنىڭ ئاساسىي قانۇنغا سادىق بولىدىغانلىقىنى ۋە بايدىننىڭ 46-نۆۋەتلىك باش قوماندان بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1562555
ئامېرىكا ئارمىيەسى بايدىننىڭ 46-نۆۋەتلىك باش قوماندان بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا جو بايدىننىڭ قەسەم بېرىپ پىرېزىدېنتلىق ھوقۇقىنى تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى جەريانىدا زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى نامايىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشلار قىلىنىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئارمىيەسى باش ئىشتابى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، بايدىننىڭ 20-يانۋار (2021) قەسەم بېرىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 46-نۆۋەتلىك باش قوماندانى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ باشلىقى گېنېرال مارك مىللېي ۋە ئالتە ئارمىيەنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ئۇقتۇرۇشتا، مۇنداق دېيىلدى:

«2021-يىلى 6-يانۋار ۋاشىنگتوندا يۈز بەرگەن ئىسيان، بىۋاستە ئامېرىكا كونگرەسىگە، كونگرە بىناسىغا ۋە بىزنىڭ ئاساسىي قانۇنىمىزغا قىلىنغان ھۇجۇمدۇر.»

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 250 يىلدىن بۇيان ئاساسىي قانۇننى قوغداش مەسىلسىدە خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ئورگان بولۇپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن ئۇقتۇرۇشتا يەنە: «تارىخ بويىچە قىلىپ كەلگىنىمىزگە ئوخشاش، ئامېرىكا ئارمىيەسى قانۇن رامكىسىدا     ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنىدۇ، كىشىلەرنىڭ جېنى ۋە مېلىنى قوغداش، قانۇن رامكىسىدا جەمئىيەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن خەلق سوت مەھكىمىلىرىنى قوللايدۇ. ئىچكى ۋە تاشقى بارلىق دۈشمەنلەردىن ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنى قوغداشتىن ئىبارەت پىرىنسىپقا سادىق بولىدۇ» دېيىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا، 6-يانۋار كونگرەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى ئەسكەرتىلىپ: «2021-يىلى 20-يانۋار ئاساسىي قانۇن بويىچەئىشتات ۋە سوت مەھكىمىلىرى، شۇنداقلا كونگرە تەستىقلىغان، سايلانغان پىرېزىدېنت بايدىن ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ ۋە بىزنىڭ 46-نۆۋەتلىك باش قوماندانىمىز بولىدۇ» دېگەن باياناتقا ئورۇن بېرىلدى.

ئامېرىكا ئارمىيە باش ئىشتابىنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشىنىڭ، ھاكىمىيەت ئالمىشىش جەريانىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارشى، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مەيدانىنى نامايان قىلىش مەقسىتىگە ئىگە ئىكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر