ۋېنگىرىيە يۇقىرى سوتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچىنىڭ قاماق جازاسىنى تەستىقلىدى

ۋېنگىرىيەدە «تېررورچىلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى بولغان بۇ بىر جۈپ ئەر- ئايال جازاسى تەستىقلاندى.

1562516
ۋېنگىرىيە يۇقىرى سوتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئىككى تېررورچىنىڭ قاماق جازاسىنى تەستىقلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگىرىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى، سېگېد شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2019 – يىلى تېررورچىلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە سەككىز يىل بويىچە ۋېنگىرىيەگە كىرىشى چەكلەنگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ي پ گ ئەزاسى ئەر – خوتۇننىڭ جازاسى يۇقىرى سوتنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىرىنچى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىنىڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن سودىيە ئاتتىلا جو، جاۋابكارلارنىڭ بەش يىل بويىچە تۈركىيەگە قارشى قوراللىق ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا روشەن ئۇچۇرغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە، بىرىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش سوتىدا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، جاۋابكارلارنىڭ ئۆتكەن يىلى ۋېنگىرىيەدىن گېرمانىيەگە بېرىپ، ئۇ يەردىن پاناھلىق تىلىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىندى.

دۆلەت تەۋەلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىگەن ئەر گۇماندارنىڭ 2009- يىلى ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىنمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قوبۇل قىلىنغان پ ك ك غا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشقانلىقى ۋە 2014 – يىلىدىن باشلاپ تەشكىلاتنىڭ سۈرىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

ئىرانلىق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئايال گۇماندارنىڭ 2010- يىلى 15 يېشىدا پ ك ك قاتناشقانلىقى، 2014- يىلدىن باشلاپ ئېرىگە ئوخشاشلا تەشكىلاتنىڭ سۈرىيەدىكى پائالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

خەۋەردە يەنە، گۇماندارلارنىڭ 2015- يىلى تەشكىلاتتىن ئايرىلىپ توي قىلغانلىقى ۋە ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ ياردىمىدە 2017 – يىلى 6 – دېكابىردا ۋېنگىرىيە چېگراسىغا بېرىپ پاناھلىق تىلىگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر