كانادا مىنىستىرلار كابىنېتىدىكى مۇسۇلمان مىنىستىرلارنىڭ سانى ئاشتى

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو كابىنېتقا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ  3 - مۇسۇلمان مىنىستىرنى قوشتى. تورونتو پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر ئالغابرانى قاتناش مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىدى.

1562758
كانادا مىنىستىرلار كابىنېتىدىكى مۇسۇلمان مىنىستىرلارنىڭ سانى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا باش مىنىستىرلىق ئىشخانىسىنىڭ باياناتىدا، يېڭىلىق يارىتىش، ئىلىم-پەن ۋە سانائەت مىنىستىرى ناۋدىپ بەينىسنىڭ پىنسىيەگە چىقىشنى تەلەپ قىلىپ مىنىستىرلىقتىن ئايرىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، ناۋدىپ بەينىس ئايرىلغان مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە مەۋجۇت تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىرانسچوئىس-فىلىپ چامپاگېننىڭ تەيىنلەنگەنلىكى ۋە قاتناش مىنىستىرى مارك گارناۋنىڭ بولسا، كانادانىڭ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

كانادا باش مىنىستىرى ترۇدو كابىنېتتىكى ئۆزگىرىشتە ۋىننىپېگ پارلامېنت ئەزاسى جىم كاررى دا ئالبېرتانى مانىتوبا ۋە ساسكاچېۋان قاتارلىق ئۆلكىلەرگە مەسئۇل مىنىستىر قىلىپ تەيىنلىدى.

باش مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، مارك گارناۋ بوشاتقان قاتناش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە ترۇدونىڭ پارلامېنت كاتىپى ۋە تورونتو پارلامېنت ئەزاسى ئۆمەر ئالغابرا تەيىنلەنگەن.

تېگى سومالىلىق «ئائىلە، بالىلار ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات» مىنىستىرى ئەھمەد ھۈسەيىن بىلەن تېگى ئافغانىستانلىق «ئاياللارنىڭ سالاھىيىتى » مىنىستىرى مەريەم مونسەفتىن كېيىن، تېگى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئۆمەر ئالغابرا كانادا مىنىستىرلار كابىنېتىغا كىرگەن ئۈچىنچى مۇسۇلمان مىنىستىر بولدى.

كانادا ھۆكۈمىتى مىنىستىرلار كابىنېتىدىكى بۇ ئۆزگىرىش ئومۇمىي ۋالىي جۇلى پايېتې قاتناشقان سىنلىق قەسەم  بېرىش مۇراسىمى بىلەن رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر