فېيسبۇك ئىراننىڭ «Press TV» قانىلىنىڭ نىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنى تاقاپ قويدى
مەركىزىي ئىشخانىسى ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئىجتىمائىي تاراتقۇ ماگناتى فېيسبۇك، ئىراننىڭ ئىنگلىز تىلىدا تارقىتىش بېرىدىغان دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى «Press TV» نىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنى «ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدۇ» دېگەن سەۋەب بىلەن تاقاپ قويدى.
1562663
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Press TV» قانىلىنىڭ باياناتىدا، «فېسبۇك ئىراننىڭ خەلقئارالىق ئىنگلىزچە خەۋەر تورىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنى ئىشلىتىشكە ماس كەلمەيدىغانلىقىنى ئىگىرى سۈرۈپ، <Press TV> نىڭ تەخمىنەن 4 مىليون ئەگەشكۈچىسى بولغان ھېسابىنى توختىتىپ قويدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئالاھىدە ئورۇن ئاجراتتى.
باياناتتا فېيسبۇكنىڭ بۇ قارارىنىڭ ئاخىرقى قارار ئىكەنلىكىگە دائىر «Press TV» قانىلىغا ئۇقتۇرۇش يوللانغانلىقى، بىراق «بىخەتەرلىك» سەۋەبىدىن قوشۇمچە ئۇقتۇرۇش يوللىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.