دونالد ترامپ دۆلەت مەجلىسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
دونالد ترامپ ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا بېسىپ كېرىش ۋەقەسى ئۈستىدە توختىلىپ، «مەن زوراۋانلىقنى خالىمايمەن، ئەزەلدىن خالىمايتتىم» دېدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن دۆلەت مەجلىسى بىناسىغا بېسىپ كېرىش ۋەقەسى ئۈستىدە توختىلىپ، «مەن زوراۋانلىقنى خالىمايمەن، ئەزەلدىن خالىمايتتىم» دېدى ھەمدە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكشۈرۈىشىگە قارىتا «سېھىرگەرلەرنى ئوۋلاشنىڭ داۋامى» دەپ باھا بەردى.
دونالد ترامپ تېكساس ئىشتاتىغا زىيارەتكە بېرىش ئۈچۈن ئاقسارايدىن ئايرىلىش ئالدىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
6 - يانۋاردىكى دۆلەت مەجلىسىگە بېسىپ كىرىش ۋەقەسىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئاخباراتچىلارنى كۈتۈۋالغان ترامپ، مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە «مەن زوراۋانلىقنى خالىمايمەن، ئەزەلدىن خالىمايتتىم» دېدى.
ترامپ ئۆزىگە قارىتىلغان ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكشۈرۈشى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش تەكشۈرۈشى جەريانى سىياسىي تارىخىمىزدىكى ئەڭ چوڭ سېھىرگەرلەرنى ئوۋلاشنىڭ داۋامى. پۈتۈنلەي ئەخمىقانە بىر ئىش. بۇ جەريان قاتتىق غەزەپكە يول ئاچىدۇ» دېدى.
پىرېزىدېنت ترامپ دۆلەت مەجلىسى باشلىقى نەنسى پېلوسى بىلەن كېڭەش پالاتاسى ئاز سانلىقلار رەھبىرى چاك سچۇمېرنىڭ ئۆزىنى پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىغا قارىتا «تولىمۇ قورقۇنچلۇق» دەپ باھا بەردى.
ترامپ كېيىن يەنە ۋاشىنگتونغا يېقىن ئاندرېۋس ھاۋا ئارمىيە بازىسىدىمۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
ترامپ 6 - يانۋاردىكى مەجلىسكە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئۆزىنىڭ ھەسسىسدارلىقى بارلىقىغا دائىر قاراشلارنى رەت قىلىپ، «مۇتەخەسسىسلەر مېنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى نۇتۇقۇمنى ئانالىز قىلىشتى. مېنىڭ شۇ كۈنى ئەتىگەندە قوللىغۇچىلىرىمغا سۆزلىگەن نۇتۇقۇم تولىمۇ مۇۋاپىق بولغان» دېدى.
ترامپ خۇسۇسي ھېسابىنى مۇددەتسىز توڭلىتىپ قويغان تىۋىتتېر ۋە باشقا بەزى چەكلىمىلەرنى قويغان ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈردى.
ترامپ ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرىنىڭ بۇ پوزىتسىيەلىرىنى «دۆلىتىمىز ئۈچۈن قورقۇنچلۇق» دەپ تەنقىد قىلدى ۋە: «ئىجتىمائىي تاراتقۇ شىركەتلىرى ئاپەت خاراكتېرلىك بىر خاتالىق ئۆتكۈزدى دەپ قارايمەن» دېدى.