ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرىنىڭ كاتىپى بىر تۈرك بولىدۇ

تېگى تۈرك دىدەم نىشانجىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان جو بايدىننىڭ 20 – يانۋار كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىدىن كېيىن خەزىنە مىنىستىرلىقىغا تەيىنلىنىشى كۈتۈلۈۋاتقان جانېت يېللېننىڭ باش كاتىپى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1561967
ئامېرىكا خەزىنە مىنىستىرىنىڭ كاتىپى بىر تۈرك بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بلومبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئالاقىدار تارماقلارنى مەنبە كۆرسىتىپ خەۋەر قىلىشىچە، يېللېن، بلومبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ ئاممىۋى سىياسەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى  دىدەم نىشانجىغا خەزىنە مىنىستىرلىقىدا باپ كاتىپ بولۇش تەكلىپىنى سۇنغان، دىدەممۇ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، يېللېننىڭ خەزىنە مىنىستىرى بولۇش قارارنامىسى تەستىقلانغان تەقدىردە، نىشانجى يېللېنغا ئەڭ يېقىن شەخسلەردىن بىرى بولىدىكەن.

دىدەم نىشانجى، ئىلگىرى سابىق پىرېزىدېنت باراك ئوباما دەۋرىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كۆچمە مۈلۈك ۋە بورسا كومىتېتىدا باش كاتىپلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن، 2018 – يىلى بلومبېرگقا يۆتكىلىشتىن بۇرۇن، پرومونتورى پۇل مۇئامىلە گۇرۇھىدا ئىشلىگەنىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئاۋام پالاتاسىنىڭ پىرېزىدېنتلىق ئىشلىرى كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن نىشانجى، 1998 – 2001 – يىللىرى خەزىنە مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان جو بايدىن، ئالدىنقى يىلى نويابىردا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركەز بانكىسىنىڭ باشلىقى جانېت يېللېننىڭ خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى نامزاتى ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پالاتاسىدا ۋەزىپىگە تەيىنلىنىش قارارنامسى تەستىقلانغان تەقدىردە، جانېت يېللېن دۆلەت تارىخىدا خەزىنە مىنىستىرى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن تۇنجى ئايال بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر