رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە ئورتاق كېلىشىم ئىمزالىدى

ئەزەربەيجان، رۇسىيە ۋە ئەرمېنىيە تاغلىق قاراباغدا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئۇل ئەسلىھەگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا بىرلەشمە كېلىشىم ئىمزالىدى.

1561755
رۇسىيە، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە ئورتاق كېلىشىم ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىلدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن ئۆتكۈزگەن 4 سائەتلىك تاغلىق قاراباغ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلدى.

پۇتىن تاغلىق قاراباغدا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئۇل ئەسلىھەگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلەرنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش توغرىسىدا بىرلەشمە كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە، ئەرمېنىيە ۋە ئەزەربەيجان مۇئاۋىن باش مىنىستىرلىرىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلىدۇ» دېدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋمۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن ئۆتكۈزگەن ئايرىم ئۇچرىشىشىدا ئىمزالانغان بىرلەشمە كېلىشىمنىڭ ئەھمىيىتىگە ئىشارەت قىلىپ: «ئەزەربەيجان ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئەرمېنىيە ئارقىلىق ناھچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى بىلەن قاتناش ئالاقىسى ئورنىتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەرمېنىيەنىڭمۇ ئەزەربەيجان زېمىنلىرىدىن پايدىلىنىپ رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن تۆمۈر يولى ئالاقىسى ئورنىتالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىلھام ئەلىيېۋ: «ئەزەربەيجان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ناھچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى  ئارقىلىق تۈرك بازىرىغا ئېرىشىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۆمۈر يولى ئالاقىسىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر