مايك پومپېيو ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشقا بىر ھەپتە قالغاندا بېلگىيەگە ساياھەتكە بارىدىغان بولدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشقا بىر ھەپتە قالغاندا بېلگىيەگە ساياھەتكە بېرىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

1561920
مايك پومپېيو ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىشقا بىر ھەپتە قالغاندا بېلگىيەگە ساياھەتكە بارىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ساياھەتكە مۇناسىۋەتلىك باياناتىدا، ئامېرىكا بىلەن بېلگىيەنىڭ چوڭقۇر ۋە مەڭگۈلۈك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى قايتا تەكىتلەش ۋە ئامېرىكانىڭ ناتوغا بولغان شەرتسىز قوللىشىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن مايك پومپېيونىڭ 13 – ۋە 14 - يانۋار كۈنلىرى بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈردى.

پومپېيونىڭ بىريۇسسېلدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ ۋە بېلگىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى شۇنداقلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلمېس بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا يەنە، «مىنىستىر پومپېيو ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان ئىتتىپاقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان خەلقلەرنى قوغداشتىكى مۇۋەپپەقىيىتىنى ۋە يېڭى بىخەتەرلىك خىرىسىغا ماسلىشىشتىكى مۇۋەپپەقىيىتىنى قوللايدۇ ھەمدە ئامېرىكا بىلەن بېلگىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلاملىقىنى تەكىتلەيدۇ» دېيىلدى.

ئامېرىكىنىڭ يېڭى سايلانغان پىرېزىدېنتى جو بايدېن 20 - يانۋاردا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، پومپېيونىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسى ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر