ھىندونېزىيەدە چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسى تېپىلدى

ھىندونېزىيەدە 9 - يانۋار چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسى دېڭىزدىن چىقىرىلدى.

1562081
ھىندونېزىيەدە چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندونېزىيە ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ئاگېنتلىقى مەسئۇللىرى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ  ئۇزۇن ئۆتمەي چۈشۈپ كەتكەن يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قارا قۇتىسىنىڭ دېڭىزدىكى قالدۇقلار ئارىسىدىن چىقىرىۋېلىنغانلىقىنى ۋە كرىزىس مەركىزىگە يەتكۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مەسئۇللار ھادىسىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق رەسمىي ئېنىقلىما بەرمىدى قارا قۇتا تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن سەۋەبىنىڭ ئېنىقلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.  

قاتناش مىنىستىرى بۇدى كاريا سۇمادى 9 - يانۋاردا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئايروپىلان ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ تەخمىنەن 5 مىنۇت كېيىن ئالاقە ئۇزۇلۇپ قالغانلىقىنى ۋە ئىچىدە 12 خادىم بىلەن 50 يولۇچى بولغان «SJ182» تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ پايتەخت جاكارتانىڭ شىمالىي دېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان لاكى بىلەن لەنكاڭ ئارىلى ئوتتۇرىسىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيەسى يولۇچىلار ئايروپىلانى قالدۇقلىرىنىڭ پايتەخت جاكارتا دېڭىز قىرغىقىنىڭ شىمالىدىكى مىڭ ئارالنىڭ تۆت يېرىگە تارقالغانلىقىنى دوكلات قىلغان ئىدى.

نەق مەيداندىكى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر