ئامېرىكادا 1 قوراللىق ھۇجۇمچى 5 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، 2 كشىنى يارىدار قىلدى
ئامېرىكانىڭ چىكاگو شەھرىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدا 1 قوراللىق ھۇجۇمچى 7 كىشىنى يارىدار قىلدى ۋە ئۇلاردىن 5 كىشى قازا قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چىكاگو ساقچىلىرى، جاسون نايتېنگال ئىسىملىق قوراللىق ھۇجۇمچىنىڭ ئوخشىمىغان سائەتلەردە ۋە شەھەرنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، 5 كىشى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە 2 كىشىنى يارىدار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئىچىدە بىر ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى، 1 رېستوران خادىمى ۋە ئىككى ئايال بىخەتەرلىك خادىمى بارلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش جەريانىدا ئۇجۇقتۇرۇلغان جايسون نايتېنگالنىڭ بۇرۇنقى جىنايەت ئارخىپلىرىنىڭمۇ ئېغىر ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
32 ياشلىق ھۇجۇمچىنىڭ 2005 - يىلى «قورال ۋە زەھەرلىك چېكىملىك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش، ئوغرىلىق، ئەجەللىك قورال بىلەن ھۇجۇم قىلىش، نامۇۋاپىق ھەرىكەت ۋە ئائىلە ئىچى زوراۋانلىق» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن كۆپ قېتىم قولغا ئېلىنغان ۋە ئەيىبلەنگەن كىشى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.