قاراباغقا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى باشلاندى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنياننىڭ تاغلىق قاراباغ سۆھبىتى موسكۋادا باشلاندى.

1561400
قاراباغقا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى باشلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيەنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن، پۇتىن، ئەلىيېۋ ۋە پاشىنيان ئوتتۇرىسىدا تاغلىق قاراباغقا مۇناسىۋەتلىك كېلىشىملەر ۋە رايوننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ئۇچرىشىش، ئەلىيېۋ بىلەن پاشىنياننىڭ قاراباغدا ئۇرۇش توختىتىلغاندىن كېيىنكى بىرىنچى قېتىملىق يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كۆرۈشۈشتە، تاغلىق قاراباغقا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ كېلىشىمنى ئىجرا قىلىش باسقۇچلىرى بىلەن مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ھەم قىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

كرېمىل سارىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا ئاساسلانغاندا، كۆرۈشۈشتە يەنە، رايوندا ئۇرۇشتا زىيانغا ئۇچرىغان خەلققە ياردەم قىلىش، سودا-ئىقتىساد ۋە قاتناش باشلىنىشى، تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى مەسىلىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

پۇتىننىڭ ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن، ئەلىيېۋ ۋە پاشىنيان بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. ئۇ ئۇچرىشىش باشلىنىشتىن بۇرۇن سۆز قىلغاندا، ئەلىيېۋ بىلەن پاشىنيانغا تەشەككۈر ئېيتىپ، رۇسىيەنىڭ ۋاستىچىلىق قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ رايوندا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا قارىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر