خىتاي ئاخىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىتايغا بېرىشىغا قوشۇلدى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) مۇتەخەسىسلىرى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) نىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن 14 - يانۋار (2021) دا خىتايغا بارىدىغان بولدى.

1561106
خىتاي ئاخىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ خىتايغا بېرىشىغا قوشۇلدى
Hua Çunying.jpg
tedros adhanom ghebreyesus
Tedros Adhanom.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسسىلەر ھەيئىتىنىڭ خىتاي زىيارىتى ھەققىدە قىسقىچە بايانات ئېلان قىلدى.

خىتاينىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسىسلەر ھەيئىتى ئۆمىكى زىيارەت جەريانىدا خىتاي كەسپداشلىرى بىلەن مۇزاكىرىلىشىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 6 - يانۋار (2021) ئۆتكۈزۈلگەن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) بىلەن مەسلىھەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دېرىكتورى در. تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس 5 - يانۋار ئېلان قىلغان باياناتىدا، كوۋىد -19 نىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن خىتايغا بېرىشى كۈتۈلۈۋاتقان خەلقئارالىق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ: «خىتاي مەسئۇللىرىنىڭ خىتايغا بارماقچى بولغان مۇتەخەسىسلەرھەيئىتىنىڭ خىتايغا بېرىشى ئۈچۈن كېرەكلىك رۇخسەت رەسمىيەتلىرىنى تەستىقلىمىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. ھەيئەتنىڭ  ئىككى ئەزاسى ئاللىقاچان (خىتايغا) سەپەرنى باشلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىتايغا كىرگۈزۈلمەسلىكى ۋە قالغان مۇتەخەسسىلەرنىڭ ئاخىرقى پەيتتە سەپەرگە چىقالمىغانلىقى سەۋەبىدىن كۆڭلىمىز ئىنتايىن يېرىم» دېگەن ئىدى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش پىروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى مايك رىيان بولسا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئىلمىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ۋىزا ئالالمىغانلىقى سەۋەبىدىن خىتايغا كىرگۈزۈلمىگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر